Content-Length: 153480 | pFad | https://ug.wikipedia.org/wiki/%D9%83%DB%86%D9%85%D9%85%D9%89%D9%82%D9%88%D9%86%D8%A7%D9%82

كۆممىقوناق - Wikipedia Jump to content

كۆممىقوناق

ئورنى Wikipedia

[[File:Zea mays 'Ottofile giallo Tortonese' MHNT.BOT.2015.34.1.jpg|thumb|''Zea mays "Ottofile giallo Tortonese”'']]

كۆممىقوناقنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرۇ بولۇپ، شۇ جايدىكى ئىندىئانلار7000 يىل ئىلگىرىلا ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرگەن. كۆممىقوناق مېكسىكىلىقلارنىڭ بىردىنبىر ئاشلىق زىرائىتى بولغاچقا، قەدىمكى دەۋردە كىشىلەر تۇنجى پىشقان كۆممىقوناق باشىقىنى «كۆممىقوناق ئىلاھەسى» گە تەقدىم قىلىدىكەن.

كولومبو1492 - يىلى يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقاندىن كېيىن، ئىسپانىيىلىكلەر ئامېرىكا قىتئەسىدىن كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى ئالغاچ كەلگەن ھەم ئۇنى «ئىندىئانلارنىڭ ئاساسلىق زىرائىتى» دەپ ئاتىغان. كېيىن، ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. كۆممىقوناقنىڭ مېۋە باشىقىدا نۇرغۇن ساقالچىلىرى بولۇپ، تۈركىيىلىكلەرنىڭ ساقال - بۇرۇتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، 16 - ئەسىرلەردە ياۋروپالىقلار ئۇنى ئومۇميۈزلۈك «تۈرك بۇغدىيى» دەپ ئاتاپ كەلگەن.

كۆممىقوناق ئېلىمىزگە تەخمىنەن16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىرگۈزۈلگەن. ئەينى چاغدا چەت ئەللىكلەر خان ھۇزۇرىغا كىرگەندە خانغا كۆممىقوناق باشىقىنى سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان بولغاچقا، «خان بۇغدىيى» دەپ ئاتالغان. كۆممىقوناق ئەسلىدە غەربتىن كىرگەن بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۇنى غەربىي ئەل بۇغدىيى دەپمۇ ئاتىغان. شاڭخەينىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بەزى دېھقانلار كۆممىقوناقنى ھازىرمۇ چەت ئەل بۇغدىيى دەپ ئاتىشىدۇ.

كۆممىقوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بويى ئەڭ ئېگىز بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن1 ~4 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شامالغا قارشى تۇرالايدىغان تىرەك يىلتىزلىرى بولىدۇ. غولى توم ۋە بوغۇملىرى بار بولۇپ، بوغۇم ئارىلىقىدا كۆپ شىرنىلىك ئۆزەك قىسمى بولىدۇ ھەمدە بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ماددىلار زاپاس ساقلىنىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم چوڭ، تاسمىسىمان تىمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا قاتتىق قوۋۇرغا تومۇرى بولىدۇ. يوپۇرماق گىرۋەكلىرى دولقۇنسىمان پۈرلىشىپ تۇرىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ گۈللىرى تاق جىنسلىق بولۇپ، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق گۈللىرى غولنىڭ چوققىسىدا ئۆسۈپ، كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئانىلىق گۈللىرى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسۈپ، گۆش باشاقسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چاڭلاشقاندىن كېيىن قىلتىرىقلىق مېۋە − كۆممىقوناق دانلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. دانلىرى ئادەتتە سورتىغا قاراپ سېرىق، ئاق، قىزىل، سۆسىن ۋە چىپار رەڭلەردە بولىدۇ.

كۆممىقوناق ئادەتتە بالدۇر پىشىدىغان، مەھسۇلاتى يۇقىرى، سوغۇققا چىداملىق بولغاچقا، ھازىر ئۇ دۇنيا خاراكتېرلىك ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتىگە ئايلاندى. ئۇ ئېلىمىزدە ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە غەربىي جەنۇبتىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان.

كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇنداقلا تەركىبىدىكى ماي مىقدارى گۈرۈچنىڭكىگە قارىغاندا تۆت ھەسسە كۆپ بولغاچقا، كۆممىقوناق يېگەندە قورساق ئاسانلىقچە ئاچمايدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]








ApplySandwichStrip

pFad - (p)hone/(F)rame/(a)nonymizer/(d)eclutterfier!      Saves Data!


--- a PPN by Garber Painting Akron. With Image Size Reduction included!

Fetched URL: https://ug.wikipedia.org/wiki/%D9%83%DB%86%D9%85%D9%85%D9%89%D9%82%D9%88%D9%86%D8%A7%D9%82

Alternative Proxies:

Alternative Proxy

pFad Proxy

pFad v3 Proxy

pFad v4 Proxy