Jump to content

ياڭاق

ئورنى Wikipedia
21:11, 3 نويابىر 2024 دا Qarqushu (مۇنازىرە | تۆھپە) تۈزەتكەن نەشرى
(پەرق) → كونا نەشرى | نۆۋەتتىكى تۈزىتىش (پەرق) | كېيىنكى نەشرى ← (پەرق)
جوْز (مېۋە قىسمى)

جوْز بولسا جوْز ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ  ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ،باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى جوْز
ئەرەبچە نامى جەۋز
ئىنگلىزچە walnut
تونۇش ياڭاقـنىـڭ مېغىزى
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 核桃
پارسچە نامى گۇز،گۇردىگان، جاھار مېغىز
ئوردۇچە نامى ئەخرۇت
تەمى تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس

ھەققىدە

[تەھرىرلەش]
جوْز 3-د (جانلاندۇرۇم) كۆرۈنۈشى

جوْز بولسا  جوْز ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ  ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ،  مېغىزى شار شەكىللىك بولۇپ، ئىككى پارچىسى بىرىكىپ تۇرىدۇ، پۈرمە ئېرىقچىسى بولىدۇ.  سىرتىنى قوڭۇر رەڭلىك نېپىز پەردىسىمان ئۇرۇق پوستى ئوراپ تۇرىدۇ، تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس،9-، 10- ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن، خېبىي، شەنشى، كەشمىر، ئىران ، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ھېسسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

تەسىرى

[تەھرىرلەش]

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

[تەھرىرلەش]

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

[تەھرىرلەش]

(1) باكتېرىيە، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

(2) تەركىبىدە جوْز يېغى تۇتقان يېمەكلىكلەرنى ئىتقا بېرىلسە، بۇنڭ بىلەن ئىتنىڭ تەن ئېغىرلىقى تېزلا ئاشىدۇ، قان شىرىسى ئاق ئاقسىلى كۆپىيىدۇ.

تەركىبى

[تەھرىرلەش]
دۇنياغا داڭلىق خوتەن ياڭاقلىرى

ياڭاق مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %40~50 مايلىق ياغ بار، يەنە %15.4 ئاقسىل، %10 كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي، فوسفور،  تۆمۈر، كاروتىن، رىبوفلاۋىن قاتارلىقلار بار.

قوللىنىشى

[تەھرىرلەش]

1. جوْز مۇرابباسى تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن قوشۇپ يېسە، بۆرەكنى سەمرىتىدۇ، باھنى قوزغايدۇ،چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. جوْز مېغىزىدا يالانچۇق تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن يالاپ بەرسە، يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

3. ياڭاقنى سىركىگە چىلاپ يېسە، ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقىنى تۈگىتىدۇ.

4. جوْز مېغىزىنىڭ پوستىنى كۆيدۈرۈپ يېسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.

5. ياڭاقنىڭ يېلىمىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا چاپسا ياكى ئېزىپ ئاغرىق چىشقا باسسا ئاغرىق توختىتىدۇ.

6. جوْز پوستىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزنى چايقىسا، چىشنىڭ تۈۋىدىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، چىشنى چىڭىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى:

ياڭاقـنىـڭ مېغىزى

تۈزەتكۈچىسى:

ئانار سۈيى، بىنەپشە

ئورۇنباسارى

[تەھرىرلەش]

ھەببىتۇلخوزرا، چىلخوزائانار سۈيى، بىنەپشەياڭاقـنىـڭ مېغىزى.

كېسەللىك مىسالى

[تەھرىرلەش]

نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، جىنسىي قۈۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت، يۆتەل، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]
pFad - Phonifier reborn

Pfad - The Proxy pFad of © 2024 Garber Painting. All rights reserved.

Note: This service is not intended for secure transactions such as banking, social media, email, or purchasing. Use at your own risk. We assume no liability whatsoever for broken pages.


Alternative Proxies:

Alternative Proxy

pFad Proxy

pFad v3 Proxy

pFad v4 Proxy