Jump to content

كوندېنساتور

ئورنى Wikipedia

كوندېنساتور

كوندېنساتور (电容器,Capacitor) بىر خىل ئېنىرگىيە ساقلايدىغان دىتال بولۇپ ، ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىش نىسبىتى قارشىلىقتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .توك يولىدا C بەلگېسى بىلەن ئىپادىلەيمىز ، ئەسكەرتىش : ھازىر بەزىبىر تەرجىمان يولداشلار كوندېنساتور دېگەننى ئېلېكتىر سىغىم دەپ ئالماقتا ،خەنچە (电容器) دېگەن گەپتىن پايدىلانغان بولۇشى ئھتىمالغا يىقىن . بۇنىڭغا نېمە دېيىشنى بىلمىدىم ، لېكىن مەن ئۆگەنگىنىم بويىچە كوندېنساتور ئېلىۋىرىمەن . بۇ بەلكىم روسچىدىن كىرگەن سۆزمىكىن ،مەنبەسى ئىنگىلىز ياكى خەن تىلىدەك قىلمايدۇ .

كوندېنساتورنىڭ بىرلىكى فارادا F بولۇپ ، مىكرو فارادا uF ۋە پىكو فارادا pF دېگەندەك كىچىك بىرلىكلىرى كۆپرەك ئشلىتىلىدۇ ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئايلاندۇرۇش مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىدەك : ، 1F =1000000uF 1uF= 1000000pF, يەنى بىر مىليۇن بويىچە ھەسسىلىنىدۇ . كوندېنساتور ئادەتتىكى توك يوللىرىدا ، دولقۇن سازلاش(谐振) ، دولقۇن سۈزۈش (滤波)، بىرىكتۈرۈش (耦合)، يان يول(旁路) ، دولقۇن شەكلى ئالماشتۇرۇش (波形变换)، ۋاقىت كېچىكتۈرۈش(延时) قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ . كوندېنساتور ئادەتتە توك يولىدا C بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز .

كوندېنساتورنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى

[تەھرىرلەش]

كوندېنساتورنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . توك يولىدىكى بەلگىسىگە ئاساسەن ، قۇتۇپسىز كوندېنساتور (无极性电容器)، ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور(电解电容器) ، تەڭشىلىدىغان كوندېنساتور (可调电容器)قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ .

قۇتۇپسىز كوندېنساتور

[تەھرىرلەش]

قۇتۇپسىز كوندېنساتور (无极性电容器)


ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور

[تەھرىرلەش]

2- رەسىم ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور(电解电容器) ئاۋۇ رەسىمدىكى مىنوس دېگەننى كۆردۇڭلارمۇ يا؟ ئاشۇ دەل كوندېنساتورنىڭ مەنپىي قۇتۇبى . ئاشۇ مىنۇس بەلگىسى بولمىسا بۇ قۇتۇپسىز كوندېنساتور.

تەڭشىلىدىغان كوندېنساتور

[تەھرىرلەش]

3- تەڭشىلىدىغان كوندېنساتور (可调电容器)


ئادەتتە تاشقى شەكلىگە قاراپ نىپىز پەردىلىك كوندېنساتور ( 薄膜电容)، ئاليۇمىن ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور ( 铝电解电容器)، تانتال ئېلىكترولىدلىق كوندېنساتور ( 钽电解电容) ۋە چىنە كوندېنساتور ( 陶瓷电容,瓷片电容)قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى : 1 . زەرەتلەش ۋە زەرەتسىزلەش ( 充电和放电)، ئادەتتە كوندېنساتور توك مەنبەسىگە ئۇلانغاندا ، كوندېنساتور زەرەتلىنىدۇ . توكتىن ئايرىغاندا زەرەتسىزلىنىدۇ . كوندېنساتورلارنىڭ زەرەتلەش ۋە زەرەتسىزلىنىش ۋاقتى ماتېرىيالىغا قاراپ ئۇزۇن ۋە قىسقا بولىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى

[تەھرىرلەش]

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى ( 电容的容量):

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى دېگىنىمىز – كوندېنساتورنىڭ زەرەت سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدىغان بىر خىل فىزىكىلىق مىقدار بولۇپ ، بۇ كوندېنساتوردىكى زەرەت مىقدارىغا ئوڭ تاناسىپ ، ئىككى قۇتۇپى ئارىسىدىكى ئېلىكتىر بېسىمىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ زەرەت سىغىمىنىڭ بىرلىكى فارادا بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، مىكروفارادا ۋە پىكوفارادا قاتارلىق بىرلىكلىرىمۇ بار . كوندېنساتورنىڭ توكقا بولغان تەسىرى :

كوندېنساتورنىڭ تۇراقلىق توكقا نېسبەتەن ، توسۇش يەنى ئۆتكۈزمەسلىك رولى بار ، ئۆ‍زگىرىشچان توكنى ئۆتكۈزىدۇ . ئۇنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، ، دولقۇن سازلاش ، دولقۇن سۈزۈش ، يان يول ، دولقۇن شەكلى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ . كوندېنساتورنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى – تۇراقلىق توكنى توسۇپ ، ئۆزگىرىشچان توكنى ئۆتكۈزۈشتىن ئېبارەت . يەنى ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا ، شۇنچە ئاسان ئۆتكۈزىدۇ .

كوندېنساتورنىڭ ئاساسلىق پارامېتىرلىرى

[تەھرىرلەش]

1. ئۆلچەملىك سىغىمى ۋە يول قويۇلىدىغان خاتالىق نىسبىتى . ئادەتتە %1 دىن باشلاپ %20 گىچە بولىدۇ . 2 2 . كوندېنساتورنىڭ يول قويۇلىدىغان بېسىمى . رەسىمگە قارىسىڭىز تاپالايسىز ، ئاۋۇ 275 ۋولىت دېگىنى شۇ !

كوندېنساتورنىڭ سىغىمى ۋە ئۇنى ئوقۇش

[تەھرىرلەش]

كوندېنساتورنىڭ سىغىمىنى ئىپادىلەشتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ .

  1. بېۋاستە يېزىپ قويۇلىدۇ . مەسىلەن ئالدىنقى رەسمدىكى uF 0.47 . كوندېنساتورنىڭ ئۈستىگە دېگەندەك يېزىپ قويۇلىدۇ .
  2. رەڭ بەلبېغى ئارقىلىق ئوقۇش ، بۇ خىل ئوقۇش ئۇسۇلى قارشىلىقنى رەڭ بەلبېغى ئارقىلىق ئوقۇشقا ئوخشايدۇ .
  3. ئىپادىلەش ئۇسۇلى ، بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى پۇتسىز كوندېنساتورلاردا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ ، مەسىلەن 103 دەپ يىزىلسا ، بۇ ئون مىڭ پىكوفارادانى بىلدۇرىدۇ ، پۇتسىز كوندېنساتورلارنىڭ بىرلىكى ئادەتتە سۇكۇت ھالەتتىكى قىممىتى= سۇكۇت قىممىتى (默认، default) پىكوفارادا دەپ ئېلىنىدۇ .


كوندېنساتورلار يانداش ئۇلانغاندا ، كوندېنساتور ئىككى قۇتۇپىدىكى ئېلىكتىر بېسىمى ئۆزگەرمەيدۇ . بۇنداق بولغاندا ، كوندېنساتورنىڭ سىغىمى ئاشىدۇ . كوندېنساتورلار ئارقىمۇ – ئارقا ئۇلانغاندا ،سىغىمى كىچىكلەيدۇ ، ئىككى قۇتۇپىدىكى ئېلىكتىر بېسىمى ئۆزئارا قوشۇلىدۇ .

كوندېنساتورلارنىڭ ساق – بۇزۇقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش

[تەھرىرلەش]

ئادەتتە رەقەملىك مولتېمىتىردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈم قىلىش بىر ئاز ئاسانراق بولىدۇ . يەنى مەخسۇس ئۆلچەش ئېغىزىغا سانجىساقلا ساق – بۇزۇقلىقىغا تېزلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ .

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]
pFad - Phonifier reborn

Pfad - The Proxy pFad of © 2024 Garber Painting. All rights reserved.

Note: This service is not intended for secure transactions such as banking, social media, email, or purchasing. Use at your own risk. We assume no liability whatsoever for broken pages.


Alternative Proxies:

Alternative Proxy

pFad Proxy

pFad v3 Proxy

pFad v4 Proxy